US Agency for Global Media

News and Information from Around the World

Clear all
14 Aug 2026, 20:17 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن. ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆتكەن ئايدا ”شاھىت بىز“ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس.

Download metadata bundle
14 Aug 2026, 20:11 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original video Download metadata bundle
Video
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
14 Aug 2026, 20:11 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio 0:00
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
14 Aug 2026, 20:11 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

قەشقەردىكى بىر ياتاقلىق يەسلىدىكى بەش بالىنىڭ پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن يېقىندا قەشقەردىن تېلېفۇنىمىزنى قوبۇل قىلغان بىر ساقچى خادىمى ياتاقلىق يەسلىلەر ھەققىدىكى ئېنىقلىشىمىزغا جاۋاب بېرىپ، بۇ مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقان نارىسىدە بالىلارنىڭ سالامەتلىكىدە، جۈملىدىن پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى، بۇنىڭغا ئاساسلىقى ئاتا-ئانىسىنى سېغىنىشنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، بۇ بالىلار تۈرمە ۋە لاگېرلاردىكى ئاتا-ئانىلىرى بىلەن يىلدا بىر-ئىككى قېتىم ئېكراندا كۆرۈشتۈرۈلىدىغان بولۇپ، ئۆچىرەتتە ئادەم كۆپ بولغانلىقى ئۈچۈن كۆرۈشۈش 2-3 مىنۇتتىن ئاشمايدىكەن. ساقچىلار ھەر ئىككى تەرەپكە يىغلىماسلىقنى بۇيرىسىمۇ، بۇ كۆرۈشۈش كۆپ ھاللاردا يىغلا-زارە بىلەن ئاخىرلىشىدىكەن. ئۇنىڭ يەنە ئاشكارىلىشىچە، ئۇنىڭ تەۋەلىكىدىكى بىر يەسلىدە پسىخىكىسىدا ئېغىر مەسىلە كۆرۈلگەن بالىلاردىن بەش نەپىرى بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدە بىر ھەپتە دەم ئېلىش ۋە داۋالىنىشقا ئەۋەتىلگەن. چۈنكى بۇ بالىلارنىڭ بەزىلىرى توختىماي يىغلايدىغان، بەزىلىرى پەقەتلا گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالغان. ئۇ مەسئۇل بولغان بالا بوۋا-مومىسىنىڭ ئۆيىدىكى بىر ھەپتە جەريانىدا تېلېۋىزورنىڭ ئالدىدىن نېرى كەتمىگەن ۋە ئېكراندىن ئاتا-ئانىسىنىڭ سىماسىنى ئىزدىگەن. ئۆتكەن يىللاردىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا، ئاتا-ئانىسى تەڭلا تۇتۇلۇپ كەتكەن ئائىلىلەردىكى بالىلارنىڭ «پەرىشتىلەر مەكتىپى» نامىدىكى ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى، مەكتەپلەردە بالىلارنىڭ «بىخەتەرلىكى» ۋە ئىدىيە ھالىتىنى كۆزىتىدىغان مەخسۇس ساقچى بارلىقى ئاشكارىلانغان ئىدى. بۇ ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرىمىزدا پوسكام ناھىيەسىدىكى بىر ساقچى خادىمى ئۆزى ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان پەرىشتىلەر مەكتىپىدىكى ئۈچ يىل ئاۋۋال ئېچىلغان بىر سىنىپتا 30 نەپەر ئوقۇغۇچى بارلىقى، بۇلارنىڭ بىر قىسمىنىڭ ئانىسى ياكى دادىسى، كۆپىنچىسىنىڭ بولسا ئاتا-ئانىسى تەڭلا «تەربىيەلەش»كە ئېلىپ كېتىلگەنلەر ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. بالىلارنىڭ «نورمال» تەربىيەلىنىۋاتقانلىقى، باشقا مەكتەپلەردىكى ئوقۇغۇچىلاردىن پەرقلىق مۇئامىلىگە ئۇچرىمايلاۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتكەن بۇ خادىم بۇلارنىڭ ئاتا-ئانىسىنى كۆرەلمەسلىكتىن ئىبارەت بىرلا مەسىلىسى بارلىقى ۋە بۇ مەسىلىنىڭمۇ يىلدا بىر قېتىم ئېكراندا بەش مىنۇت كۆرۈشتۈرۈلۈش ئارقىلىق «ئۇتۇقلۇق» هەل قىلىنىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. نۆۋەتتە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان مائارىپ تەتقىقاتچىسى ئابدۇرىشىت نىياز ئەپەندى بالىلارنىڭ دۇنياسىنىڭ ئاساسەن ئاتا-ئانىدىن تەشكىل تاپىدىغانلىقى ۋە ئۆز دۇنياسى بىلەن كۆرۈش سېزىمى ئارقىلىق باغلىنىش قۇرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتىپ، بالىلار ئۈچۈن تۇنجى مەكتەپ سانىلىدىغان ئائىلە، تۇنجى مۇئەللىم سانىلىدىغان ئاتا-ئانىدىن ئايرىلىشنىڭ ئۇلارنىڭ سالامەتلىكىگە تەسىر كۆرسەتمەسلىكىنىڭ مۇمكىنسىزلىكىنى تەكىتلىدى. ئۆتكەن ئايدا ”شاھىت بىز“ تورىدا ئېلان قىلىنغان بىر تەتقىقات دوكلاتىدا شەرقىي تۈركىستاننىڭ جەنۇبىدىكى ۋىلايەتلەردە ئاز دېگەندە 143 مىڭ نەپەر بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ ياتاقلىق مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلىقى بايان قىلىنغان ئىدى. نۆۋەتتە بۇ بالىلارنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ سالامەتلىكىدە مەسىلە كۆرۈلگەنلىكى مەلۇم ئەمەس. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ت د ت دىكى زىيارىتى ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەنە قىزىقىش قوزغىدى ياپونىيە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئارفىيە ئابلەت تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتىنىڭ ئىستانبۇلدىكى باش كاتىپى قۇبانىچبېك ئۆمۈرالىيېۋ (Kubanychbek Omuraliev) بىلەن كۆرۈشتى. ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئىنستاگرام سەھىپىسىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئىككى تەرەپ سۆھبەت جەريانىدا ئۇيغۇرچە ۋە قىرغىزچە سۆزلەشكەن. تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى تەرىپىدىن بۇ ئۇچرىشىش ھەققىدە ئېلان قىلىنغان باياناتتا دېيىلىشىچە، ئۇچرىشىشتا ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش، سودا-سېتىق ۋە مەبلەغ، ترانسپورت ۋە ئالاقە، رەقەملەشتۈرۈش، يېشىل تەرەققىيات، مائارىپ ۋە خەلقلەر ئارىسىدىكى ئالاقىنى كۈچەيتىش مەسىلىلىرى مۇزاكىرە قىلىنغان. ئىككى تەرەپ يەنە ترانس-كاسپىي ئوتتۇرا كارىدورىنىڭ ئەھمىيىتى ئۈستىدە توختالغان. ئەمما بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىغان تەرىپى دىپلوماتىك كۈنتەرتىپتىن كۆپرەك ئارفىيە ئابلەتنىڭ ئۇيغۇر كىملىكى ۋە ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇر تىلىنى ئىشلىتىشى بولدى. ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەردىن تۈركىيە ئىجتىمائىي پەنلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى دوكتور ھاجى قۇتلۇق قادىرىنىڭ قارىشىچە، ياپونىيە بىلەن تۈرك دۆلەتلىرى ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ كۈچىيىشى، خىتاي ۋە رۇسىيەنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تەسىرىگە تەڭپۇڭلۇق ئېلىپ كېلىشى مۇمكىن. ئۇ يەنە بۇ تەڭپۇڭلۇقنىڭ كەلگۈسىدە ئۇيغۇر پاناھلانغۇچىلار ۋە پائالىيەتچىلىرى ئۈچۈن بەلگىلىك كەڭلىكتە سىياسىي مەيدان يارىتىشى مۇمكىنلىكىنى پەرەز قىلىدۇ. تۈركىيەدىكى ژۇرنالىست مېركامىل قەشقەرلىنىڭ بايان قىلىشىچە، ئارفىيەنىڭ تۈرك دۆلەتلىرى تەشكىلاتى يىغىنىدا ئورۇن ئېلىشى تەبىئىي ھالدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى يىغىن قاتناشقۇچىلىرىنىڭ ئېسىگە سالىدۇ. ئۇنىڭ يەنە قارىشىچە، ئارفىيەنىڭ بۇ ئۇچرىشىشتا ئۇيغۇرچە سۆزلىشى خىتاينىڭ قىرغىنچىلىق سىياسىتى ئاستىدا ئېغىر تەھدىتكە ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر تىلىنىڭ ھاياتىي كۈچى ۋە نۇپۇزىنى نامايان قىلغان. ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر خىتاي ئۆتكەن ھەپتە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ دۆلەت سىرتىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ئىشلىرى بارلىقى بايقالسا، چېگرادىن چىقىدىغانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرىكەتلىرى بارلىقى سېزىلسە، مەزكۇر شەخسنىڭ چېگرادىن كىرىشى ياكى چىقىشىنى توختىتىش، پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، بەلگىلىك مۇددەت كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي 2023-يىلدىن باشلاپ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى تەەسۋۇرىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ۋە مۇئەتتەر ئېلقۇت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتتا، مەزكۇر ئاتالمىش نورماللىشىشنىڭ ساحتلىقى پاش قىلىنغان. دوكلاتتا، چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارغا نازارەت، تەھدىت ۋە تەشۋىقاتچىلىققا سېلىشنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۆتكەن ھەپتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ھەققىدە ماقاله ئېلان قىلغان تەجرىبىلىك پائالىيەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېڭى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پەقەت مەۋجۇت چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلارنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشقا يول ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۈگۈن يېڭى چېگرا بەلگىلىمىسى ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا زوراۋانلىقىنىڭ مۇستەملىكە باشلانغاندىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، پەقەت چەكلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈنلا بۇ خىل يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى ئۇيغۇر مۇخبىر كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى «ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ سابىق مۇخبىرى قاسىمجان قەشقىرى بىلەن رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا تېكساس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات ژۇرنالىزم ۋە ئاممىۋى ئالاقە جەمئىيىتى تەرىپىدىن 5-ئاۋغۇست بىلەن 8-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا ئارىزونا شتاتىنىڭ نېۋ ئورلېئانس (New Orleans) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 109-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا تەقدىم قىلىندى. مەزكۇر مۇكاپات ژۇرنالىزم كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن باشقا، بۇ ساهەدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئاخباراتچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ئالدىنقى يىللاردا كامېرۇن، كۇبا، برۇندى، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بېسىمىغا قارىماي ھەقىقەتنى يورۇتقان ژۇرنالىستلارغا بېرىلگەن ئىدى. ئەركىن ئەكرەم: خىتاي خەلقئارا تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش يىغىنى ئارقىلىق دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا 4-ئاۋغۇست، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى (عالمي مجتمعات مسلمة) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە «2026-يىللىق خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈش» تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا، چەت ئەللىك مېھمانلار ”شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ كۆرگەزمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان. ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستلاردا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى تازىلاشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.» جەۋھەر ئىلھام ئامېرىكىنىڭ جازا تەدبىرىنى ئالقىشلىدى، خىتاي ئامېرىكادىن ئۆچ ئالىدىغانلىقىنى جاكارلىدى ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى بويىچە ئىمبارگو يۈرگۈزىلىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئىتتىپاقى (WRC)ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى CEUFL)) باياناتچىسى جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. جەۋھەر ئىلھام بۇ تىزىملىكنىڭ كېڭىيىشى پەقەت بىر سودا چەكلىمىسىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى، دېدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر چەكلەنگەن ماللارنىڭ باشقا يوللار بىلەن ئايلىنىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە كىرگۈزۈلگەن مال ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 5-ئاۋغۇست خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 43 خىتاي شىركىتىگە قويغان ئىمبارگوسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇنسىز جازالىرىغا ياردەملەشكەن ۋە مەدەت بەرگەن» دەپ ئەيىپلىگەن ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلار قوللىنىلىشچان DNA ئىلىم-پەن شىركىتى (Applied DNA)، ستراتۇم سۇ ئامبىرى چەكلىك شىركىتى (Stratum)، ئالتانا تېخنىكا شىركىتى (Altana Technologies)، مەسئۇلىيەتچان سودا ئىتتىپاقى (RBA)، ۋېرىتې گۇرۇھى (Verite Group, Inc) خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (HRIC) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خىتاي تەرەپنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 2026-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئىچىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ ئالتە ئورۇن بىلەن سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى تولۇق مەنئى قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كەسكىن ئىنكار قىلىشىغا قارىتا جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرلارغا قارشى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.“ جەۋھەر ئىلھام يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئوخشاش بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى قانۇنلىرىنى چىقىرىشقا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداشقا چاقىردى. پروفېسسور، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ يېڭى ئاكادېمىك كىتابى ئىنگلىزچە نەشىر قىلىندى ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق نىڭ «خىتايدا باشقىلار: باشقۇرۇش ۋە خىتايچە ئاسسىمىلياتسىيە» ( Others in China: Governing, Assimilation with Chinese Characteristics ) ناملىق يېڭى ئىلمىي ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكادېمىك نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان «پالگرەۋ ماكمىللان» (Palgrave Macmillan / Springer) نەشرىياتى تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنجى ئاكادېمىك كىتابىدۇر. بۇ كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئېتنىك سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان تارىخىي ھەم ھازىرقى زامان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە بېسىۋالغان رايونلاردىكى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن. ئاپتور خىتاينىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ خىتاي مەدەنىيەت مەپكۇرىسى بىلەن زامانىۋى ماركسىزم ۋە مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىيىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى (Case Study) قىلىپ ئېلىنغان. كۆكتۈرك دەۋرىدىن قالغان خىتاينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي ئەنئەنىسىنى يازما، ئاكادېمىك سىستېمىغا سالغان ئاساستا، خەلقئارالىق پەن ئۆلچىمى ۋە خەلقئارالىق تىلدا تەقدىم قىلىشنى بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان ئاپتور بۇ كىتابتا 30 يىلغا يېقىن كۆزىتىش، ئىزچىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھەر خىل مىللەتلەر رايونلارىدىكى ئۇزۇن يىللىق سوتسىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جۇغلانمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق 2002-يىلى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى خىزمىتىدىن ئستىپا بېرىپ ئاكادېمىك ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئېتنىك سوتسىئولوگىيە، ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ خىتاي، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا، كىتاب بابلىرى ۋە 6 پارچە مۇستەقىل كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى» (Journal of East Asian Studies in Türkiye) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى.

Download metadata bundle
11 Aug 2026, 20:06 GMT By تاھىر ئىزگىل

پروفېسسور دوكتۇر ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇقنىڭ ئىنگلىزچە ئاكادېمىك كىتابى نەشىر قىلىندى ئەنقەرە ھاجى بايرام ۋەلى ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر بۆلۈمىنىڭ پروفېسسورى، سوتسىئولوگ ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق نىڭ «خىتايدا باشقىلار: باشقۇرۇش ۋە خىتايچە ئاسسىمىلياتسىيە» ( Others in China: Governing, Assimilation with Chinese Characteristics ) ناملىق يېڭى ئىلمىي ئەسىرى دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ئاكادېمىك نەشرىياتلارنىڭ بىرى بولغان «پالگرەۋ ماكمىللان» (Palgrave Macmillan / Springer) نەشرىياتى تەرىپىدىن سىنگاپوردا ئىنگلىز تىلىدا نەشىر قىلىندى. بۇ ئۇنىڭ مەزكۇر نەشىرىيات تەرەپىدىن نەشىر قىلىنغان ئىككىنجى ئاكادېمىك كىتابىدۇر. بۇ كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ دۆلەت باشقۇرۇش ۋە ئېتنىك سىياسەتلىرىگە، بولۇپمۇ خىتاي بولمىغان مىللەتلەر ۋە ئېتنىك-دىنىي گۇرۇپپىلارغا قاراتقان تارىخىي ھەم ھازىرقى زامان ئاسسىمىلياتسىيە سىياسەتلىرىگە قارىتا چوڭقۇر ئانالىز ئېلىپ بارغان. كىتابتا ئاپتور خىتاينىڭ مەدەنىيەت ۋە سىياسىي جەھەتتىكى كېڭەيمىچىلىك نىيىتىنى دۆلەت ئىچى ۋە بېسىۋالغان رايونلاردىكى باشقۇرۇش ئۇسۇللىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن. ئاپتور خىتاينىڭ كۆپ خىل مەدەنىيەتكە ئىگە جەمئىيەتنى بىر خىللاشتۇرۇش ئۈچۈن، ﺋﻪﻧﺌﻪﻧﯩﯟﻯ خىتاي مەدەنىيەت مەپكۇرىسى بىلەن زامانىۋى ماركسىزم ۋە مىللەتچىلىك ئىدىئولوگىيەسىنى بىرلەشتۈرۈپ ئېلىپ بېرىۋاتقان ئەمەلىيىتىنى «خىتايچە ئالاھىدىلىككە ئىگە ئاسسىمىلياتسىيە» دەپ ئانالىز قىلغان. كىتابتا بۇ مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە سىياسىتىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەھۋالى ئاساسلىق تەتقىقات ئۆرنىكى (Case Study) قىلىپ ئېلىنغان. كۆكتۈرك دەۋرىدىن قالغان خىتاينى ئۆگىنىش ۋە تەتقىق قىلىش ئىلمىي ئەنئەنىسىنى يازما، ئاكادېمىك سىستېمىغا سالغان ئاساستا، خەلقئارالىق پەن ئۆلچىمى ۋە خەلقئارالىق تىلدا تەقدىم قىلىشنى بىر زۆرۈرىيەت دەپ قارىغان ئاپتور بۇ كىتابتا 30 يىلغا يېقىن كۆزىتىش، ئىزچىل ئوقۇش-ئوقۇتۇش، تەھلىل ۋە تەتقىق قىلىش، ھەر خىل مىللەتلەر رايونلارىدىكى ئۇزۇن يىللىق سوتسىئولوگىيەلىك تەكشۈرۈش جۇغلانمىسى ئاساسىدا يېزىپ چىققان. ئابدۇررەشىد جەلىل قارلۇق 2002-يىلى تۈركىيە ھاجەتتەپە ئۇنىۋېرسىتېتىدا سوتسىئولوگىيە پەنلىرى بويىچە دوكتورلۇق ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، بېيجىڭدىكى مەركىزىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى سوتسىئولوگىيە فاكۇلتېتىدا ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن. 2014-يىلى خىزمىتىدىن ئستىپا بېرىپ ئاكادېمىك ھاياتىنى تۈركىيەدە داۋام قىلغان. ئۇنىڭ ئاساسلىق تەتقىقات يۆنىلىشى ئېتنىك سوتسىئولوگىيە، ئىجتىمائىي-كۈلتۈرەل ئۆزگىرىش، خىتاينىڭ مىللەتلەر سىياسىتى، تۈركىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى ۋە ئۇيغۇر تەتقىقاتىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇنىڭ خىتتاي، ئىنگلىز، تۈرك ۋە ئۇيغۇر تىللىرىدا 80 تىن ئارتۇق ئىلمىي ماقالا، كىتاب بابلىرى ۋە 6 پارچە مۇستەقىل كىتابى نەشىر قىلىنغان. ئۇ يەنە تۈركىيەدىكى «شەرقىي ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى» (Journal of East Asian Studies in Türkiye) نىڭ قۇرغۇچىسى ۋە باش مۇھەررىرى.

Download metadata bundle
11 Aug 2026, 20:00 GMT By تاھىر ئىزگىل

ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يېقىندا 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» (UFLPA) نى بويىچە ئىمبارگو يۈرگۈزىلىدىغان تىزىملىككە كىرگۈزگەندىن كېيىن، ئىشچىلار ھوقۇقىنى قوغداش ئىتتىپاقى (WRC)ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگەك تۈرىنىڭ ماسلاشتۇرغۇچىسى ۋە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى توختىتىشقا يېتەكچىلىك قىلىش كومىتېتى CEUFL)) باياناتچىسى جەۋھەر ئىلھام ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى. جەۋھەر ئىلھام بۇ تىزىملىكنىڭ كېڭىيىشى پەقەت بىر سودا چەكلىمىسىلا ئەمەس، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ ئۇچراۋاتقان زۇلۇملىرىنى ئېتىراپ قىلغانلىقىنىڭ بەلگىسى، دېدى. ئۇ مەجبۇرىي ئەمگەكتىن نەپ ئالىدىغان شىركەتلەرنى جاۋابكارلىققا تارتىپ، ئىقتىسادىي مەنپەئەت زەنجىرىنى ئۈزۈپ تاشلاشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئىلگىرى سۈردى ھەمدە باشقا دېموكراتىك دۆلەتلەر چەكلەنگەن ماللارنىڭ باشقا يوللار بىلەن ئايلىنىپ كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى ھەمدە كىرگۈزۈلگەن مال ئۇچۇرلىرىنى ئاشكارىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى. 5-ئاۋغۇست خىتاي سودا مىنىستىرلىقى ئامېرىكىنىڭ 43 خىتاي شىركىتىگە قويغان ئىمبارگوسىغا قارىتا ئۆچ ئېلىش سۈپىتىدە ئامېرىكىنىڭ ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلىرىغا جازا تەدبىرى قوللىنىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. خىتاي سودا مىنىستىرلىقى «ئامېرىكىنىڭ شىنجاڭغا ئالاقىدار قانۇنسىز جازالىرىغا ياردەملەشكەن ۋە مەدەت بەرگەن» دەپ ئەيىپلىگەن ئالتە شىركەت ۋە ئورگانلار قوللىنىلىشچان DNA ئىلىم-پەن شىركىتى (Applied DNA)، ستراتۇم سۇ ئامبىرى چەكلىك شىركىتى (Stratum)، ئالتانا تېخنىكا شىركىتى (Altana Technologies)، مەسئۇلىيەتچان سودا ئىتتىپاقى (RBA)، ۋېرىتې گۇرۇھى (Verite Group, Inc) خىتايدا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى (HRIC) قاتارلىقلاردىن ئىبارەت. خىتاي تەرەپنىڭ قارارىغا ئاساسەن، 2026-يىلى 5-ئاۋغۇستتىن باشلاپ خىتاي ئىچىدىكى ئورگان ۋە شەخسلەرنىڭ بۇ ئالتە ئورۇن بىلەن سودا، ھەمكارلىق ۋە باشقا پائالىيەتلەرنى ئېلىپ بېرىشى تولۇق مەنئى قىلىنىدۇ. خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتىلغان مەجبۇرىي ئەمگەكنى كەسكىن ئىنكار قىلىشىغا قارىتا جەۋھەر ئىلھام مۇنداق دېدى: ”بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، ھەرقايسى ھۆكۈمەتلەر، تەتقىقاتچىلار، ژۇرنالىستلار، گۇۋاھچىلارنىڭ بايانلىرى، ئاشكارىلانغان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىچكى ھۆججەتلىرى ۋە شىركەتلەرنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرۈش نەتىجىلىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ئۇيغۇرلارغا قارشى پىلانلىق ئېلىپ بېرىلىۋاتقان مەجبۇرىي ئەمگەك ۋە باشقا ئېغىر ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكلىرىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.“ جەۋھەر ئىلھام يەنە باشقا دۆلەت ھۆكۈمەتلىرىنىمۇ ئوخشاش بولغان مەجبۇرىي ئەمگەك چەكلىمىسى قانۇنلىرىنى چىقىرىشقا ۋە ئۇيغۇر مۇساپىرلارنى خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدىن قوغداشقا چاقىردى.

Download metadata bundle
11 Aug 2026, 19:54 GMT By تاھىر ئىزگىل

4-ئاۋغۇست، خىتاي دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى، خىتاي ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسى ۋە دۇنيا مۇسۇلمانلار جامائىتى كېڭىشى (عالمي مجتمعات مسلمة) قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ تەشكىللىشى بىلەن غۇلجا شەھىرىدە «2026-يىللىق خەلقئارالىق تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش مۇھاكىمە يىغىنى» ئۆتكۈزۈلدى. يىغىنغا ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى، رۇسىيە ۋە ئافرىقا ئىتتىپاقى قاتارلىق 24 دۆلەت ۋە رايونلۇق خەلقئارا تەشكىلاتلاردىن يۈزدىن ئارتۇق ۋەكىل قاتناشتى. خىتاي خەلق تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا «تېررورىزمغا قارشى بىرلىكتە كۈچ چىقىرىش ۋە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بارلىققا كەلتۈرۈش» تەشەببۇس قىلىنغان. شۇنداقلا، چەت ئەللىك مېھمانلار ”شىنجاڭنىڭ تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش، ئەسەبىيلىكنى تۈگىتىش“ كۆرگەزمىسى بىلەن ئاپتونۇم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى كۆرگەزمىسى ئېكسكۇرسىيە قىلدۇرۇلۇپ، خىتاينىڭ رايوندىكى سىياسەتلىرى كۈچەپ تەشۋىق قىلىنغان. ئەنقەرە ھاجىتەپە ئۇنىۋېرستېتىنڭ دوتسېنتى، ستراتېگىيە مۇتەخەسىسى، دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم رادىيومىز زىيارىتىگە قايتۇرغان ئىنكاسىدا، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ تاسادىپىي ئەمەسلىكىنى، بەلكى خىتاينىڭ ئىيۇل ۋە ئاۋغۇستلاردا ئېلىپ بارغان ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى بىر قاتار ھەربىي مانىۋېر ۋە تەشۋىقات پائالىيەتلىرى بىلەن تەڭ قەدەمدە ئېچىلغانلىقىنى كۆرسەتتى. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەمنىڭ قەيت قىلىشىچە، خىتاي بۇ يىغىن ئارقىلىق بىر تەرەپتىن توققۇز يىلدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزگەن ئاتالمىش تېررورلۇققا قارشى سىياسىتىنىڭ «ئۇتۇقلۇق» بولغانلىقىنى خەلقئاراغا كۆرسىتىشكە تىرىشقان بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن، شەرقىي تۈركىستاندا ئۆزىنىڭ «بىر بەلۋاغ بىر يول» ۋە «ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى» تەشەببۇسلىرىنى ئىشقا ئاشۇرۇشنىڭ توسقۇنلۇققا ئۇچرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئۇرۇنغان. دوكتۇر ئەركىن ئەكرەم سۆزىنى خۇلاسىلەپ مۇنداق دېدى: «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈرگۈزۈۋاتقان زۇلۇملىرىنىڭ ئىرقىي قىرغىنچىلىق ۋە ئىنسانىيەتكە قارشى جىنايەت ئىكەنلىكىنى خەلقئارا جەمئىيەت ياخشى بىلىدۇ. خىتاي ئۆزىنى تېررورلۇققا قارشى تۇرغۇچى قىلىپ كۆرسىتىش ئارقىلىق، ئۆز جىنايەتلىرىنى تازىلاشقا ۋە دۇنيانى ئالداشقا ئۇرۇنماقتا.»

Download metadata bundle
7 Aug 2026, 19:15 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

بىر ئاي بۇرۇن ب د ت نىڭ نىيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تىبەت پائالىيەتچىسى پاۋو لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى. نىيۇ-يوركنىڭ دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىمىلىكىنى ساقلاش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە سۇنماس روھىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لوبگا راڭزېننىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ تىبەتلەرنىلا ئەمەس، ئازراقلا ئىنساندارچىلىق ئېڭى بولغان ھەر قانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. پائالىيەتتە سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا داڭلىق كىنو ئارتىسى، تىبەت دوستى رىچارد گېرمۇ بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە لوبگا راڭزېننى «تىبەت خەلقىنىڭ ئازابىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىشىغا تاقات قىلالمىغان پىداكار شەخس» دەپ تەرىپلىدى، شۇنداقلا تىبەتلەرگە مېھر-شەپقەتلىك بولۇشنىڭ پاسسىپلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، زۇلۇمغا جايىدا ۋە تەگىشلىك قارشىلىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قىلغان سۆزىدە لوبگا راڭزېننىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىللە، تىبەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان رىچارد گېرنىڭ تىبەتلەرنى قوللىشى باشقا مەھكۇم مىللەتلەرگىمۇ ئىلھام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ گوللاندىيە قىسمىغا ئابدۇرېھىم غېنى، ئەنگىلىيەدىكى قىسمىغا ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت قاتناشتى. پائالىيەتتە باشتىن-ئاخىر لوبگا زاڭزېن خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ئەيىبلەندى. پائالىيەتچىلەر بىردەك ھالدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ قانۇنىڭ ئىجرائاتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى.

Download metadata bundle
7 Aug 2026, 19:11 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

ئوچۇق خەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي تونۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تىزىملىكىنى سوراش ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا ئېمبارگولارنى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۆزى ئۇچرىغان شەخسىي ئائىلە زىيانكەشلىكلىرىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن رەھىمە مەھمۇت ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ ئەنگىلىيەگە پەردە ئارقىسىدىكى گەپلەرگە قاراپ ئەمەس، ھەق-ئادالەت مەسىلىسىدە قايسى مەيداندا بولغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئىجرا قىلغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رەھىمە مەھمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇ 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»نىڭ غوللۇق تەرجىمانى ۋە سوتنىڭ ئېچىلىشىدىكى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرىدۇر.

Download metadata bundle
7 Aug 2026, 19:07 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنسىز بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخس، پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوغلى بولۇشى خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئىدى. بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سان بېرناندىنو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جېننى سىمىس خانىم سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا دېلونىڭ جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىيال ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى تەمىنلىدى. بۇ خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 10دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر ساقچى ئورگىنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە تېلېفوندا ئەتراپتا ئوق ئاۋازى چىققانلىقى ۋە بىرەيلەننىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ساقچىلار مەلۇم قىلىنغان ئادرېسقا يېقىنلاشقاندا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى كىلومېتىرچە يېقىنلاشقاندا، نورمالدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى ئۇچراتقان. ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا ۋە ئىچىدىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇچى چۈشۈپ تەسلىم بولغان، رولدىكىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرىگە ئوق چىقارغان. شو چاغقىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا ئادەم بارلىقىنى بىلمىگەن ساقچىلار دەرھال ئوق چىقىرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئېتىۋەتكەن. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن رولدىكىسى 67 ياشلىق بو جېڭفېڭ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىكىسى 66 ياشلىق بو جىيەنچۈەن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا سولۇنۇقلىقى 60 ياشلىق ئەكبەر شۈكۈر بولۇپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا خىتايلار ئەكبەر شۈكۈر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلاش جەريانىدا خەۋەر تېپىشىچە، ئەكبەر شۈكۈرنىڭ قوروسىدا ئوق ئاۋازى چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدە توك كەتكەن، ئەكبەر شۈكۈر ئۆينىڭ توك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوروغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا مەجبۇرىي سۆرەپ سولىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن مەزگىلدە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، بو جېڭفېڭ بىلەن ئەكبەر شۈكۈرنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك، يەنە بىرى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاز دېگەندە ئىككى شىركەتتە شېرىكچىلىكى بار ئىكەن. ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە قىممىتى 20 مىليون دوللار بولغان بىر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت ئىكەن. يەنە دەسلەپكى خەۋەرلەردە دەپ كۆرسىتىلىشىچە، بو جېڭفېڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە ۋەقە سادىر قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قانچە كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلغان، ئەمما ئەرىز قىلىنغانلار ئارىسىدا ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن. نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىقتىسادىي بىر زىياننىڭ تۈرتكە بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەكبەر شۈكۈر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 2-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان دەسلەپكى سوراق سوتىدا قاتىلنىڭ ئىنىسى بو جىيەنچۈەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خەۋەرلەردە ئەكبەر شۈكۈرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا بو جىيەنچۈەن بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە قاتىل شېرىكى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. باياناتچى جېننى سىمىس خانىم رادىيومىزغا ئالاقە خىتىدە ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي تەھدىت سىگىنال ئالامىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سۆئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئەكبەر شۈكۈر پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاز كەم 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ياشىماقتا. ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلاتلار رازۋېتكا خۇلاسىسى ۋە سوت ھۆكۈمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە.

Download metadata bundle
7 Aug 2026, 19:03 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original video Download metadata bundle
Video
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
7 Aug 2026, 19:03 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio 0:00
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
7 Aug 2026, 19:03 GMT By شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

«سۇلايمان گۇۋاھ»نىڭ ئاپتورى، ئاتاقلىق شائىر تاھىر تالىپ ۋاپات بولدى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مېھمان كەلدى» دېگەن ناخشا تېكىستى بولۇپ كەڭرى تارقالغان، ئەسلى ماۋزۇسى «سۇلايمان گۇۋاھ» بولغان مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى تاھىر تالىپ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى. تالانتلىق شائىر، پىشقەدەم تەھرىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان تاھىر تالىپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىك ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ھەتتا ئۆزى قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ خەۋەر قىلىنمىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا رادىيومىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ تەزىيە باياناتى ئارىسىدا شائىرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنى مەسخىرىلىك ھالدا قامچىلىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى. تاھىر تالىپ قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان؛ 1978-يىلدىن 2003-يىلغىچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىنسان، ۋىجدان ۋە ئادالەت تېمىسىدا يازغان شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى بىر قانچە دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇمنىڭ «خەير-خوش ياشلىقىم»، «مەن ئادەم» ۋە «ئەتىكى قۇياش» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مۇشەققەتلىك يىللارنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياللانما ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ياش شائىرلارغا ساپ ۋە مىللىي ئەدەبىياتچىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان. شېئىرلىرىدىكى ھەق-ئادالەت چاقىرىقلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا قولىغا كويزا سېلىنغان تاھىر تالىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. راھىلە كامالنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا زېمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تورىدىغان ۋە خوجايىنلىق ئېڭى سىڭدۈرىدىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرى گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇلۇشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قەلبلەردە ھېلىھەم دېكلاماتسىيە قىلىنماقتا. ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈش دېلوسىنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتلىرى ئاشكارىلاندى ئۆتكەن ھەپتە ئامېرىكانىڭ كالىفورنىيە شتاتىدا بىر ئۇيغۇرنىڭ بىر خىتاي قاتىل تەرىپىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە ئەنسىز بىر تەۋرىنىش پەيدا قىلدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ ئۇيغۇر يېقىنقى زامان تارىخىدىكى ئۇنتۇلماس شەخس، پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئوغلى بولۇشى خەۋەرنىڭ يەنە بىر مۇھىم دىققەت نۇقتىسى ئىدى. بىز ۋەقەنىڭ تەپسىلاتى ھەققىدە مەلۇمات ئېلىش ئۈچۈن ۋەقە يۈز بەرگەن جايدىكى ساقچى ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىلەشتۇق. سان بېرناندىنو ناھىيەلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاممىۋى ئالاقە بۆلۈمىنىڭ خادىمى جېننى سىمىس خانىم سۇئاللىرىمىزغا بەرگەن جاۋابىدا دېلونىڭ جەريانى ھەققىدىكى مەلۇماتنى ئەدلىيە ئورگانلىرىغا تاپشۇرۇپ بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ۋەقەنىڭ بىر قىسىم تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن رەسمىي ماتېرىيال ۋە رەسمىي ئۇچۇر مەنبەلىرىنى تەمىنلىدى. بۇ خەۋەر ۋە ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 29-ئىيۇل كۈنى كەچ سائەت 10دىن 14 مىنۇت ئۆتكەندە مەزكۇر ساقچى ئورگىنى بىر جىددىي قۇتقۇزۇش تېلېفونى تاپشۇرۇپ ئالغان ۋە تېلېفوندا ئەتراپتا ئوق ئاۋازى چىققانلىقى ۋە بىرەيلەننىڭ قۇتقۇزۇشنى تەلەپ قىلىپ ۋارقىراۋاتقانلىقى ئىنكاس قىلىنغان. ساقچىلار مەلۇم قىلىنغان ئادرېسقا يېقىنلاشقاندا، يەنى ۋەقە يۈز بەرگەن جايغا ئىككى كىلومېتىرچە يېقىنلاشقاندا، نورمالدىن تېز سۈرئەتتە كېتىۋاتقان بىر ماشىنىنى ئۇچراتقان. ساقچىلار ماشىنىنى توختىتىشقا ۋە ئىچىدىكىلەرنى تەسلىم بولۇشقا چاقىرغان. ماشىنىنىڭ ئىچىدە ئولتۇرغۇچى چۈشۈپ تەسلىم بولغان، رولدىكىسى ماشىنىدىن چۈشۈپ، ماشىنىنىڭ ئارقىسىغا ئۆتكەن ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىنى ئېچىپ، ئىچىدىكى بىرىگە ئوق چىقارغان. شو چاغقىچە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا ئادەم بارلىقىنى بىلمىگەن ساقچىلار دەرھال ئوق چىقىرىپ ۋەقە سادىر قىلغۇچىنى ئېتىۋەتكەن. ئەسلىدە ۋەقە سادىر قىلغۇچىلاردىن رولدىكىسى 67 ياشلىق بو جېڭفېڭ، ماشىنىنىڭ ئارقا ئورۇندۇقىدىكىسى 66 ياشلىق بو جىيەنچۈەن، ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىدا سولۇنۇقلىقى 60 ياشلىق ئەكبەر شۈكۈر بولۇپ، مەزكۇر ئاكا-ئۇكا خىتايلار ئەكبەر شۈكۈر ئولتۇرۇشلۇق ئۆيىدىن گۆرۈگە ئېلىپ قاچقان ئىكەن. ساقچىلارنىڭ ئېنىقلاش جەريانىدا خەۋەر تېپىشىچە، ئەكبەر شۈكۈرنىڭ قوروسىدا ئوق ئاۋازى چىقىشتىن ئاۋۋال ئۆيدە توك كەتكەن، ئەكبەر شۈكۈر ئۆينىڭ توك ساندۇقىنى تەكشۈرۈش ئۈچۈن قوروغا چىققاندا، ئۇنىڭغا قارىتىپ ئوق ئېتىلغان ۋە ماشىنىنىڭ ئارقا ساندۇقىغا مەجبۇرىي سۆرەپ سولىنىپ ئېلىپ مېڭىلغان. ۋەقە سادىر قىلغۇچىلارنىڭ نېمە مەقسەتتە ئېلىپ ماڭغانلىقى ئۇچۇر خاتىرىلەنگەن مەزگىلدە مەلۇم ئەمەس. مەلۇم بولۇشىچە، بو جېڭفېڭ بىلەن ئەكبەر شۈكۈرنىڭ بىرى ئۆي-مۈلۈك، يەنە بىرى سۇغۇرتا مۇلازىمىتى قىلىدىغان ئاز دېگەندە ئىككى شىركەتتە شېرىكچىلىكى بار ئىكەن. ئارىلىرىدا ئۇزۇنغا سوزۇلغان ۋە قىممىتى 20 مىليون دوللار بولغان بىر قۇرۇلۇش پىلانىنىڭ تالاش-تارتىشى مەۋجۇت ئىكەن. يەنە دەسلەپكى خەۋەرلەردە دەپ كۆرسىتىلىشىچە، بو جېڭفېڭ بۇ قۇرۇلۇش پىلانى ھەققىدە ۋەقە سادىر قىلىشتىن ئىككى كۈن بۇرۇن بىر قانچە كىشى ئۈستىدىن سوتقا ئەرىز قىلغان، ئەمما ئەرىز قىلىنغانلار ئارىسىدا ئەكبەر شۈكۈرنىڭ ئىسمى يوق ئىكەن. نۆۋەتتىكى خەۋەرلەردە مەزكۇر قاتىللىق ۋەقەسىگە ئىقتىسادىي بىر زىياننىڭ تۈرتكە بولغانلىقى پەرەز سۈپىتىدە ئوتتۇرىغا قويۇلماقتا، ئەمما بۇ پۇلنىڭ قانچىلىك پۇل ئىكەنلىكى، ئۇنىڭ قانچىلىك قىسمىنىڭ ئەكبەر شۈكۈر بىلەن ئالاقىسى بارلىقى ھازىرچە مەلۇم ئەمەس. 2-ئاۋغۇست كۈنى ئېچىلغان دەسلەپكى سوراق سوتىدا قاتىلنىڭ ئىنىسى بو جىيەنچۈەن ئۆزىنىڭ گۇناھسىزلىقىنى ئېيتقان، ئەمما خەۋەرلەردە ئەكبەر شۈكۈرنىڭ گۆرۈگە ئېلىنىش جەريانىدا بو جىيەنچۈەن بار بولغانلىقى ئۈچۈن، ئۇنىڭ بۇ قاتىللىق ۋەقەسىدە قاتىل شېرىكى سانىلىدىغانلىقى ۋە ئۆلۈم جازاسى بېرىلىش ئېھتىماللىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە. باياناتچى جېننى سىمىس خانىم رادىيومىزغا ئالاقە خىتىدە ۋەقە ھەققىدە پىكىر بايان قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ۋەقەدە مىللىي ئۆچمەنلىك ۋە سىياسىي تەھدىت سىگىنال ئالامىتى بار-يوقلۇقى ھەققىدىكى سۆئالىمىزنى جاۋابسىز قالدۇردى. ئەكبەر شۈكۈر پروفېسسور ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەتئىمىننىڭ ئۈچ ئوغلىدىن بىرى بولۇپ، ئۇ ئاز كەم 20 يىلدىن بۇيان ئۈچ قىزى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە ئامېرىكادا ياشىماقتا. ۋەقە ھەققىدە ھازىرغىچە ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا كۆپلىگەن ئىنكاسلار چۈشكەن بولسىمۇ، ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى بۇ ۋەقەگە قارىتا تېخىچە ئىپادە بىلدۈرمىدى، مەلۇم بولۇشىچە، تەشكىلاتلار رازۋېتكا خۇلاسىسى ۋە سوت ھۆكمىنىڭ نەتىجىسىنى كۈتمەكتە. رەھىمە مەھمۇت «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرىغا ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت 30-ئىيۇل كۈنى «تېلېگراف» گېزىتىدە ئەنگىلىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى ئەد مىلىباندقا قارىتىپ ئوچۇق خەت ئېلان قىلدى. ئوچۇق خەتتە ئەنگىلىيە ھۆكۈمىتىدىن ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى قىرغىنچىلىق دەپ رەسمىي تونۇش، ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ ئەنگىلىيەگە ئىمپورت قىلىنىشىنى چەكلەش، شىركەتلەردىن تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ تىزىملىكىنى سوراش ۋە خەلقئارادىكى خىتايغا قارىتا ئېمبارگولارنى ھەمكارلىشىپ ئىجرا قىلىش تەلەپ قىلىندى. ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنىڭ ئېغىر ۋە جىددىيلىكىنى ئۇيغۇرلارنىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى ۋە ئۆزى ئۇچرىغان شەخسىي ئائىلە زىيانكەشلىكلىرىدىن مىسال ئېلىپ چۈشەندۈرگەن رەھىمە مەھمۇت ئوچۇق خېتىنىڭ ئاخىرىدا تارىخنىڭ ئەنگىلىيەگە پەردە ئارقىسىدىكى گەپلەرگە قاراپ ئەمەس، ھەق-ئادالەت مەسىلىسىدە قايسى مەيداندا بولغانلىقى ۋە نېمىلەرنى ئىجرا قىلغانلىقىغا قاراپ ھۆكۈم چىقىرىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى. رەھىمە مەھمۇت دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ لوندوندىكى ۋەكىلى ۋە «ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىتىش» تەشكىلاتىنىڭ مەسئۇلىدۇر. ئۇ 2021-يىلى لوندوندا ئېچىلغان «ئۇيغۇر سوتى»نىڭ غوللۇق تەرجىمانى ۋە سوتنىڭ ئېچىلىشىدىكى تەشكىللىگۈچىلەردىن بىرىدۇر. ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى تىبەت قەھرىمانى لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش پائالىيىتىدە سۆز قىلدى بىر ئاي بۇرۇن ب د ت نىڭ نىيۇ-يوركتىكى باش ئىشتابى ئالدىدا ئۆزىگە ئوت قويۇپ ھاياتىدىن ئايرىلغان تىبەت پائالىيەتچىسى پاۋو لوبگا راڭزېننى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن 1-ئاۋغۇست كۈنى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ئۆتكۈزۈلگەن كەڭ كۆلەملىك خاتىرىلەش پائالىيىتىگە ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىمۇ قاتناشتى. نىيۇ-يوركنىڭ دەۋر مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتكە قاتناشقان ”ئۇيغۇر ھەرىكىتى“ تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى روشەن ئابباس تىبەت خەلقىنىڭ ئۆز مىللىي كىمىلىكىنى ساقلاش يولىدىكى قەتئىي ئىرادىسى ۋە سۇنماس روھىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈنمۇ ئىلھام مەنبەسى بولغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ لوبگا راڭزېننىڭ پىداكارلىق روھىنىڭ تىبەتلەرنىلا ئەمەس، ئازراقلا ئىنساندارچىلىق ئېڭى بولغان ھەر قانداق كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. پائالىيەتتە سۆزگە چىققانلار ئارىسىدا داڭلىق كىنو ئارتىسى، تىبەت دوستى رىچارد گېرمۇ بار بولۇپ، ئۇ سۆزىدە لوبگا راڭزېننى «تىبەت خەلقىنىڭ ئازابىنىڭ ئۇنتۇلۇپ قېلىنىشىغا تاقات قىلالمىغان پىداكار شەخس» دەپ تەرىپلىدى، شۇنداقلا تىبەتلەرگە مېھر-شەپقەتلىك بولۇشنىڭ پاسسىپلىققا ئايلىنىپ قالماسلىقى كېرەكلىكى، زۇلۇمغا جايىدا ۋە تەگىشلىك قارشىلىق بىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ باشلىقى ئابدۇلھېكىم ئىدرىس قىلغان سۆزىدە لوبگا راڭزېننىڭ قەھرىمانلىق روھىغا ئاپىرىن ئېيتىش بىلەن بىللە، تىبەت ئەركىنلىكى ئۈچۈن ئىزچىل خىزمەت قىلىۋاتقان رىچارد گېرنىڭ تىبەتلەرنى قوللىشى باشقا مەھكۇم مىللەتلەرگىمۇ ئىلھام بولۇۋاتقانلىقىنى تىلغا ئېلىپ، ئۇنىڭغا مىننەتدارلىق بىلدۈردى. خاتىرىلەش پائالىيىتىنىڭ گوللاندىيە قىسمىغا ئابدۇرېھىم غېنى، ئەنگىلىيەدىكى قىسمىغا ئاكتىپ پائالىيەتچى رەھىمە مەھمۇت قاتناشتى. پائالىيەتتە باشتىن-ئاخىر لوبگا زاڭزېن خاتىرىلىنىش بىلەن بىللە خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ئەيىبلەندى. پائالىيەتچىلەر بىردەك ھالدا خەلقئارا جامائەتنى بۇ قانۇنىڭ ئىجرائاتىنى توختىتىش ئۈچۈن خىتايغا قارشى تەدبىر قوللىنىشقا چاقىردى. ئادريان زېنز: يەنە 43 خىتاي كارخانىسى چەكلەش تىزىملىكىگە كىردى، خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك كۆلىمى يەنىلا زور ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىكى مىنىستىرلىقى 31-ئىيۇل بايانات ئېلان قىلىپ، 43 خىتاي شىركىتىنى «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى» بويىچە بايقۇت تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى جاكارلىدى. بۇ مەزكۇر قانۇن 2022-يىلى يولغا قويۇلغاندىن بۇيانقى ئەڭ زور كۆلەملىك تىزىملىك كېڭەيتىش ھېسابلىنىدۇ. داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق بايقۇت تىزىملىكىىنى كېڭەيتىشكە قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىر 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 43 شىركەت ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ لوپنۇر لىتىي سانائىتى (新疆罗布泊锂业)، خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى (湖南艾华集团) ۋە چاچا يېمەكلىكلىرى (洽洽食品) قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار. ئادريان زېنز لىتىي ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسىي بايقۇت ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بايقۇت ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سانى 187 گە يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن % 30 كۆپەيدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئادريان زېنز بۇ تەدبىرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى:«بۇ قارار خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ جىددىي قاراش لازىملىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشلارغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئائىلىلىرى ھەم ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىگە ئىزچىل ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.» ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىل رىقابەتنى قوغداش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. 1-ئاۋغۇست، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئېنىق پاكىت ئاساسى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. جەنۇبىي ئۇيغۇر رايونىدا ئاز دېگەندە 143 مىڭدىن ئارتۇق ئويغۇر پەرزەنت ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان 27- ئىيۇل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن قۇرغان ”شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى“ Xinjiang Victims Database تەرىپىدىن تەيييارلانغا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئامبار ئۇچۇرلىرى، 2022-يىلى ئاشكارىلانغان ”شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى“ دىكى پاكىتلار ۋە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەم دېگەندە 143 مىڭ 228 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت (ئاساسلىقى ئويغۇر) ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش سەۋەبىدىن يالغۇز قالغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجىگە كۆرە، مەزكۇر ناھىيەدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ياكى ئائىلىدىكى يالغۇز باققۇچىسى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 3,772 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %4.22 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ دەلىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %56 ىدە، دادا 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن، ئانا بولسا كېيىنكى يىلى (2018-يىلى) يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئاتا-ئانا تەڭ تۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوتتۇرىچە 2.4 نەپەر پەرزەنت يالغۇز قالغان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە ئاز دېگەندە 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ پەرزەنتلەر ئاساسلىقى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بوۋا-مومىلىرىنىڭ ياكى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا قالغان ۋەياكى تامامەن ئىگە-چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇتقۇن قىلىش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، كوناشەھەردىكى %4.22 لىك نىسبەتنى تەدبىق قىلىپ كۆپەيتكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ كەم دېگەندە 143,228 نەپەرگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مۆلچەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان. مەمەت توختى: خىتاي ئۆزىنىڭ چەت ئەللەرگە سوزغان ”ئۇزۇن قولى“نى قانۇنىي ئاساسقا ئىگە قىلدى كانادادىكى تونۇلغان سىياسىي ئاكتىپ ۋە ئانالىزچى، ئۇيغۇر ھەقلىرىنى ھېمايە قىلىش قۇرۇلۇشى (URAP) نىڭ ئىجرائىيە دىرېكتورى مەمەت توختى ”بىيۇرو“ تورىدا ماقالە ئېلان قىلىپ، خىتاينىڭ يېڭىدىن يولغا قويغان «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى» نىڭ ”ئۇزۇن قولى“ ۋە كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ ئىنكاسى ھەققىدە توختالدى. بۇ يىل1-ئيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي جۇمھۇرىيىتى سىرتىدىكى شەخىس، ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» قىلمىشلىرىغا قارىتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەمەت توختىنىڭ ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىت قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغان شىركەتلەرنىمۇ جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىشىگە يول ئاچتى. ماقالىدە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى پەقەت كانادادىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، سۆز ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىمۇ جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەمەت توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئىجرا قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا ئۇلارنى جازالاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يېڭى قانۇن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باستۇرۇش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. مەمەت توختى ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارىتا يىتەرلىك تەييارلىقتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ بىرلىك سەپ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئورۇنلارنى جىددىي تەكشۈرۈش؛ خىتاينىڭ كانادا زېمىنىدىكى قانۇنسىز قىلىمشلىرى ئاشكارىلانغاندا، ئۇنى تەنقىت قىلىپلا قويماي، ئالاقىدار دىپلوماتلارنى قوغلاش؛ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇننىڭ كانادا پۇقرالىرى ۋە زېمىنىدا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

Download metadata bundle
7 Aug 2026, 19:02 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مېھمان كەلدى» دېگەن ناخشا تېكىستى بولۇپ كەڭرى تارقالغان، ئەسلى ماۋزۇسى «سۇلايمان گۇۋاھ» بولغان مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى تاھىر تالىپ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى. تالانتلىق شائىر، پىشقەدەم تەھرىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان تاھىر تالىپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىك ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ھەتتا ئۆزى قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ خەۋەر قىلىنمىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا رادىيومىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ تەزىيە باياناتى ئارىسىدا شائىرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنى مەسخىرىلىك ھالدا قامچىلىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى. تاھىر تالىپ قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان؛ 1978-يىلدىن 2003-يىلغىچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىنسان، ۋىجدان ۋە ئادالەت تېمىسىدا يازغان شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى بىر قانچە دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇمنىڭ «خەير-خوش ياشلىقىم»، «مەن ئادەم» ۋە «ئەتىكى قۇياش» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مۇشەققەتلىك يىللارنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياللانما ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ياش شائىرلارغا ساپ ۋە مىللىي ئەدەبىياتچىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان. شېئىرلىرىدىكى ھەق-ئادالەت چاقىرىقلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا قولىغا كويزا سېلىنغان تاھىر تالىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. راھىلە كامالنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا زېمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تورىدىغان ۋە خوجايىنلىق ئېڭى سىڭدۈرىدىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرى گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇلۇشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قەلبلەردە ھېلىھەم دېكلاماتسىيە قىلىنماقتا.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:51 GMT By تاھىر ئىزگىل

بۇ يىل1-ئيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي جۇمھۇرىيىتى سىرتىدىكى شەخىس، ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» قىلمىشلىرىغا قارىتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەمەت توختىنىڭ ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىت قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغان شىركەتلەرنىمۇ جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىشىگە يول ئاچتى. ماقالىدە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى پەقەت كانادادىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، سۆز ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىمۇ جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەمەت توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئىجرا قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا ئۇلارنى جازالاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يېڭى قانۇن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باستۇرۇش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. مەمەت توختى ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارىتا يىتەرلىك تەييارلىقتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ بىرلىك سەپ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئورۇنلارنى جىددىي تەكشۈرۈش؛ خىتاينىڭ كانادا زېمىنىدىكى قانۇنسىز قىلىمشلىرى ئاشكارىلانغاندا، ئۇنى تەنقىت قىلىپلا قويماي، ئالاقىدار دىپلوماتلارنى قوغلاش؛ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇننىڭ كانادا پۇقرالىرى ۋە زېمىنىدا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:45 GMT By تاھىر ئىزگىل

27- ئىيۇل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن قۇرغان ”شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى“ Xinjiang Victims Database تەرىپىدىن تەيييارلانغا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئامبار ئۇچۇرلىرى، 2022-يىلى ئاشكارىلانغان ”شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى“ دىكى پاكىتلار ۋە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەم دېگەندە 143 مىڭ 228 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت (ئاساسلىقى ئويغۇر) ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش سەۋەبىدىن يالغۇز قالغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجىگە كۆرە، مەزكۇر ناھىيەدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ياكى ئائىلىدىكى يالغۇز باققۇچىسى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 3,772 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %4.22 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ دەلىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %56 ىدە، دادا 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن، ئانا بولسا كېيىنكى يىلى (2018-يىلى) يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئاتا-ئانا تەڭ تۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوتتۇرىچە 2.4 نەپەر پەرزەنت يالغۇز قالغان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە ئاز دېگەندە 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ پەرزەنتلەر ئاساسلىقى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بوۋا-مومىلىرىنىڭ ياكى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا قالغان ۋەياكى تامامەن ئىگە-چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇتقۇن قىلىش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، كوناشەھەردىكى %4.22 لىك نىسبەتنى تەدبىق قىلىپ كۆپەيتكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ كەم دېگەندە 143,228 نەپەرگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مۆلچەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:38 GMT By تاھىر ئىزگىل

داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق چەكلەش تىزىملىكىىنى كېڭەيتىشكە قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىر 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 43 شىركەت ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ لوپنۇر لىتىي سانائىتى (新疆罗布泊锂业)، خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى (湖南艾华集团) ۋە چاچا يېمەكلىكلىرى (洽洽食品) قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار. ئادريان زېنز لىتىي ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسىي چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چەكلەش ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سانى 187 گە يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن % 30 كۆپەيدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئادريان زېنز بۇ تەدبىرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ جىددىي قاراش لازىملىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشلارغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئائىلىلىرى ھەم ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىگە ئىزچىل ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.» ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىل رىقابەتنى قوغداش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. 1-ئاۋغۇست، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئېنىق پاكىت ئاساسى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 21:06 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنقەرەدىكى تۈرك-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەس تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ساختىپەز تەشۋىقاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلار زۇلۇمغا كۆز يۇمماسلىق، زالىمغا يانتاياق بولماسلىق ھەققىدە شۇئارلار توۋلىدى ۋە ئاخبارات باياناتىدا تۈرك مۇخبىرلىرىنى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىردى. ئالدىنقى يىلى «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» نامىدا كىتاب يازغان تۈرك يازغۇچى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھا كىلىنچ (Taha Kılınç) ئالدىنقى كۈنى «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ماقاله ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پاراللېل ھالدا خىتايپەرەس تۈرك مۇخبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى. خىتاينى ماختاپ يېزىۋاتقان تۈرك مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ يىگۈزۈپ-ئىچكۈزۈۋاتقانلىقىنى، يەنى پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان تاھا كىلىنچ ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ۋە زالىمنىڭ دېپىنى چالغان بۇ مۇخبىرلارنى «نومۇسسىزلار» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر مۇخبىرلارغا توققۇز سۇئال قويغان تاھا كىلىنچ ئۇلارنىڭ زىيارىتى داۋامىدا بىرەر ئۇيغۇر بىلەن خالىي ئۇچرىشىپ باققان-باقمىغانلىقى، ناماز ۋاقتىدا مەسچىتلەرگە كىرىپ باققان-باقمىغانلىقى، كوچىدا ئورالغان ئاياللار ، ساقال قويغان كىشىلەرنى كۆرۈپ-كۆرمىگەنلىكىنى سورىغان ۋە سۇئاللىرىغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ، بۇلارنىڭ كارنىيىدىن ئىلىنغان مۇخبىرلار ئىكەنلىكى، ھەقىقەتكە كەلگەندە كۆزى كور ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى يىللاردا بۇلارنىڭ سۇرىيەنى زىيارەت قىلىپ، بومبا يېغىپ تورغان سۇرىيەنىمۇ گۈل-گۈلىستانلىق دەپ تەسۋىرلەپ، بەشەر ئەسەد رېجىمىنى قوللىغانلىقىنى ئەسلەتكەن. تاھا كىلىنچ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوسمانلى تارىخىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننى خۇپىيانە ۋە مۇستەقىل زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارنىڭ ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئانالىزلىرى ئەركىن دۇنيانىڭ جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار قاتارىدا پايدىلىنىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۆزلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ ئۇمۇمىي تۈرك ئاخباراتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. يازغۇچى تاھا كىلىنچ «نومۇسسىزلار» ناملىق مەزكۇر ماقالىسىدا، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قىسمى خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنسېرى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تورىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 21:01 GMT By شۆھرەت ھوشۇر

مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە ساراي سېلىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇمھۇرىيەتچى ئەزالاردىن رىك سكات (Rick Scott) ۋە مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەدە، خاتىرە ساراينى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان خەلقئارا باغچىدا تەسىس قىلىش، مەبلەغنى دۆلەت خەزىنىسى ۋە شەخسىي ئىئانىگە تايىنىپ ھەل قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەقەت تونۇشتۇرۇلغان، ئەمما تېخى ئاۋازغا قويۇلمىغان بۇ لايىھەدە، مەزكۇر خاتىرە ساراينى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، تىيەنئەنمەن ۋەقەسىدە، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار خاتىرىسىگە تەسىس قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا مەۋجۇت بولغان «كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» پۈتۈن دۇنيادا كومۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ئەگەر مەزكۇر لايىھە مەجلىسنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، بۇ مەخسۇس خىتاي زۇلمىنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سالىدىغان بىر سىمۋوللۇق قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.

Download metadata bundle