US Agency for Global Media

News and Information from Around the World

Active filters Source: Rfa Uyghur Rss
Clear all
7 Aug 2026, 19:02 GMT شۆھرەت ھوشۇر

ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە «مېھمان كەلدى» دېگەن ناخشا تېكىستى بولۇپ كەڭرى تارقالغان، ئەسلى ماۋزۇسى «سۇلايمان گۇۋاھ» بولغان مەشھۇر شېئىرنىڭ ئاپتورى تاھىر تالىپ مۇشۇ ئاينىڭ 4-كۈنى 80 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. تېلېفون زىيارەتلىرىمىزدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئۇ قەشقەر كېرەمباغ دوختۇرخانىسىدا جان ئۈزدى. تالانتلىق شائىر، پىشقەدەم تەھرىر ۋە ئەدەبىي تەرجىمان تاھىر تالىپنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى شەرقىي تۈركىستاندا چەكلىك ئىجتىمائىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدىن باشقا رەسمىي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدە، ھەتتا ئۆزى قان-تەرىنى سىڭدۈرگەن «قەشقەر گېزىتى»دىمۇ خەۋەر قىلىنمىدى. مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر جەمئىيىتى ئۇچۇر ۋە ئىنكاسلار ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. دۇنيا ئۇيغۇر يازغۇچىلار ئۇيۇشمىسىنىڭ رەئىسى راھىلە كامال مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا رادىيومىز ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۇنىڭ ئەدەبىي تالانتىغا، تەۋرەنمەس سىياسىي مەيدانىغا ۋە ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا كۆرسەتكەن خىزمەتلىرىگە يۇقىرى باھا بەردى. ئۇ تەزىيە باياناتى ئارىسىدا شائىرنىڭ خىتاي مۇستەملىكىچىلىكىنى مەسخىرىلىك ھالدا قامچىلىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرىنى دېكلاماتسىيە قىلدى. خەلقئارا قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى ئۇيغۇر مەركىزىنىڭ رەئىسى ئەزىز ئىسا ئەلكۈنمۇ مەرھۇمنىڭ ۋاپاتىغا قايغۇسىنى بىلدۈردى. تاھىر تالىپ قەشقەر يېڭىشەھەردە تۇغۇلغان؛ 1978-يىلدىن 2003-يىلغىچە «قەشقەر گېزىتى»نىڭ مۇھەررىرى ۋە باش مۇھەررىرى بولۇپ ئىشلىگەن. پېنسىيەگە چىققاندىن كېيىن ئەدەبىي ئىجادىيەت، تەرجىمە ۋە تەتقىقات ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللانغان. راھىلە كامالنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئۇنىڭ ۋەتەن، مىللەت، ئىنسان، ۋىجدان ۋە ئادالەت تېمىسىدا يازغان شېئىر ۋە نەسرىي ئەسەرلىرى بىر قانچە دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسىغا تەسىر كۆرسەتكەن. مەرھۇمنىڭ «خەير-خوش ياشلىقىم»، «مەن ئادەم» ۋە «ئەتىكى قۇياش» ناملىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان؛ «مەن ئادەم» ناملىق شېئىرى ئەدەبىيات دەرسلىك كىتابلىرىغا كىرگۈزۈلگەن. ئۇ مۇشەققەتلىك يىللارنى كۆپ باشتىن كەچۈرگەن بولسىمۇ، ياللانما ئەدەبىياتچىلىقتىن ئۆزىنى يىراق تۇتۇپ كەلگەن ۋە ياش شائىرلارغا ساپ ۋە مىللىي ئەدەبىياتچىلىقنىڭ ئۈلگىسى بولغان. شېئىرلىرىدىكى ھەق-ئادالەت چاقىرىقلىرى سەۋەبلىك 2017-يىلدىكى چوڭ تۇتقۇندا قولىغا كويزا سېلىنغان تاھىر تالىپ ئىككى يىلدىن ئارتۇق تۇتۇپ تۇرۇلغاندىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. راھىلە كامالنىڭ يەنە ئەسكەرتىشىچە، ئۇنىڭ ياش ئەۋلاتلارغا زېمىن ئىگىسى ئىكەنلىكىنى ئەسلىتىپ تورىدىغان ۋە خوجايىنلىق ئېڭى سىڭدۈرىدىغان «سۇلايمان گۇۋاھ» ناملىق شېئىرى گەرچە ئاممىۋى سورۇنلاردا ئوقۇلۇشتىن چەكلەنگەن بولسىمۇ، قەلبلەردە ھېلىھەم دېكلاماتسىيە قىلىنماقتا.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:51 GMT تاھىر ئىزگىل

بۇ يىل1-ئيۇلدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلغان بۇ قانۇننىڭ 63-ماددىسىدا، خىتاي جۇمھۇرىيىتى سىرتىدىكى شەخىس، ئورگان ۋە جەمئىيەتلەرنىڭ «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىغا زىيان يەتكۈزۈش» ياكى «مىللىي بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلىش» قىلمىشلىرىغا قارىتا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدىغانلىقى بەلگىلەنگەن. مەمەت توختىنىڭ ماقالىدا كۆرسىتىشىچە، بۇ ماددا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ چەتئەلدىكى ئۇيغۇر، تىبەت ۋە خوڭكوڭ ئىنسان ھەقلىرىنى ھېمايە قىلغۇچىلارنىلا ئەمەس، خىتاينىڭ ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى تەنقىت قىلغان كانادا پارلامېنت ئەزالىرى، ژۇرنالىستلار، ئاكادېمىكلار ۋە تەمىنلەش زەنجىرىنى تەكشۈرىدىغان شىركەتلەرنىمۇ جىنايەتچى قىلىپ بېكىتىشىگە يول ئاچتى. ماقالىدە يەنە ئەسكەرتىلىشىچە، خىتاينىڭ بۇ قانۇننى يولغا قويۇشى پەقەت كانادادىكى سىياسىي ئۆكتىچىلەرنىلا ئەمەس، سۆز ئەركىنلىكى، ئىلمىي تەتقىقات ۋە ئاخباراتچىلىق قاتارلىق ساھەلەرگە تەسىر كۆرسىتىپلا قالماي، ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتلىرىنىمۇ جىمىقتۇرۇشنى مەقسەت قىلغان. مەمەت توختىنىڭ ئەركىن ئاسىيا رادىيوسىغا بىلدۈرىشىچە، ئىلگىرى خىتاي ئىجرا قىلىپ كەلگەن چەتئەللەردە ساقچى پونكىتى قۇرۇش، مۇھاجىرلارنى مەجبۇرىي قايتۇرۇپ كېتىش ياكى ئۇلارنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا بېسىم ئىشلىتىش، ھەتتا ئۇلارنى جازالاش قاتارلىق قىلمىشلاردىن پەرقلىق ھالدا، بۇ يېڭى قانۇن خىتاينىڭ چەتئەلدىكى باستۇرۇش ۋە ئارىلىشىش ھەرىكەتلىرىنى قانۇن ئارقىلىق نىقاپلىشىغا شارائىت يارىتىپ بېرىدىكەن. مەمەت توختى ئوتتاۋانىڭ خىتاينىڭ بۇ قانۇنىغا قارىتا يىتەرلىك تەييارلىقتا ئەمەسلىكىنى تەكىتلەپ، كانادا ھۆكۈمىتىگە خىتاينىڭ بىرلىك سەپ ۋە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى بىلەن ئالاقىسى بار ئورۇنلارنى جىددىي تەكشۈرۈش؛ خىتاينىڭ كانادا زېمىنىدىكى قانۇنسىز قىلىمشلىرى ئاشكارىلانغاندا، ئۇنى تەنقىت قىلىپلا قويماي، ئالاقىدار دىپلوماتلارنى قوغلاش؛ كانادا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ بۇ يېڭى قانۇننىڭ كانادا پۇقرالىرى ۋە زېمىنىدا ھېچقانداق قانۇنىي كۈچكە ئىگە ئەمەسلىكىنى ئوچۇق جاكارلاش؛ ئامېرىكا، ئەنگىلىيە، ئاۋسترالىيە ۋە ياۋروپا ئۆزئارا ئىتتىپاقلىشىپ، خىتاينىڭ بۇنداق تەسىر كۈچىنى كېڭەيتىش ھەرىكىتىگە قارشى بىرلىكتە ئىنكاس قايتۇرۇش قاتارلىق تەكلىپلەرنى سۇندى.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:45 GMT تاھىر ئىزگىل

27- ئىيۇل تەتقىقاتچى جىن بۇنىن قۇرغان ”شىنجاڭ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلار ئامبىرى“ Xinjiang Victims Database تەرىپىدىن تەيييارلانغا بىر تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2018-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئامبار ئۇچۇرلىرى، 2022-يىلى ئاشكارىلانغان ”شىنجاڭ ساقچى ھۆججىتى“ دىكى پاكىتلار ۋە ستاتىستىكىلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقسۇ، قەشقەر، قىزىلسۇ ۋە خوتەن قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا كەم دېگەندە 143 مىڭ 228 نەپەر ئاز سانلىق مىللەت (ئاساسلىقى ئويغۇر) ئۆسمۈرلىرى ئاتا-ئانىسىنىڭ تۇتۇپ كېتىلىش سەۋەبىدىن يالغۇز قالغان. دوكلاتتا ئاشكارىلىنىشىچە، قەشقەر كوناشەھەر ناھىيەسىگە ئائىت سانلىق مەلۇماتلارنى تەتقىق قىلىشتىن ئېرىشىلگەن نەتىجىگە كۆرە، مەزكۇر ناھىيەدە ئاتا-ئانىسىنىڭ ئىككىلىسى ياكى ئائىلىدىكى يالغۇز باققۇچىسى تۇتقۇن قىلىنغان خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەرنىڭ سانى كەم دېگەندە 3,772 نەپەرگە يەتكەن بولۇپ، بۇ ناھىيەدىكى خىتاي بولمىغان ئۆسمۈرلەر ئومۇمىي سانىنىڭ %4.22 نى تەشكىل قىلىدىكەن؛ دەلىللەنگەن ئائىلىلەرنىڭ تەخمىنەن %56 ىدە، دادا 2017-يىلى ئۇزۇن مۇددەتلىك كېسىۋېتىلگەن، ئانا بولسا كېيىنكى يىلى (2018-يىلى) يىغىۋېلىش لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەن؛ ئاتا-ئانا تەڭ تۇتۇلغان ئائىلىلەردە ئوتتۇرىچە 2.4 نەپەر پەرزەنت يالغۇز قالغان بولۇپ، 700 دىن ئارتۇق ئائىلىدە ئاز دېگەندە 3 ياكى ئۇنىڭدىن ئارتۇق بالا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان؛ ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلغان بۇ پەرزەنتلەر ئاساسلىقى ياتاقلىق مەكتەپكە ئورۇنلاشتۇرۇلغان، بوۋا-مومىلىرىنىڭ ياكى تاغا-ھاممىلىرىنىڭ ھامىيلىقىغا قالغان ۋەياكى تامامەن ئىگە-چاقىسىز ھالغا چۈشۈپ قالغان. تەتقىقاتچىلار بۇ ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇتقۇن قىلىش نىسبىتى ۋە نوپۇس ئالاھىدىلىكىنىڭ ئوخشاشلىقىغا ئاساسەن، كوناشەھەردىكى %4.22 لىك نىسبەتنى تەدبىق قىلىپ كۆپەيتكەندە، ئۇيغۇر رايونىنىڭ جەنۇبىدىلا ئاتا-ئانىسىدىن ئايرىلىپ قالغان بالىلارنىڭ ئومۇمىي سانىنىڭ كەم دېگەندە 143,228 نەپەرگە يېتىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىگەن. دوكلاتتا ئەسكەرتىلىشىچە، بۇ مۆلچەر ناھايىتى ئېھتىياتچانلىق بىلەن بەلگىلەنگەن تۆۋەن چەك بولۇپ، ئەمەلىي ساننىڭ بۇنىڭدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنلىكى پەرەز قىلىنغان.

Download metadata bundle
4 Aug 2026, 20:38 GMT تاھىر ئىزگىل

داڭلىق تەتقىقاتچى ئادريان زېنز رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىملىق چەكلەش تىزىملىكىىنى كېڭەيتىشكە قارىتا، ئۇيغۇر رايونىدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ توختاپ قالمىغانلىقىنى، ئەكسىچە تېخىمۇ كۈچەيگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ ئېكسپورت مىقدارىنىڭ ئېشىشىنىڭمۇ بۇ ئەمەلىيەتنى ئىسپاتلاپ بېرىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. يېڭى ئېلان قىلىنغان بۇ تەدبىر 3-ئاۋغۇستتىن باشلاپ رەسمىي كۈچكە ئىگە بولىدۇ. يېڭىدىن كۆپەيتىلگەن 43 شىركەت ئاساسلىقى يېڭى ئېنېرگىيە، باتارېيە ماتېرىياللىرى، ئېلېكترونلۇق زاپچاسلار، مېتال پىششىقلاپ ئىشلەش، يېمەك-ئىچمەك ۋە دورا-ئىستېمال قاتارلىق ساھەلەرگە چېتىلىدۇ. بۇلارنىڭ ئارىسىدا شىنجاڭ لوپنۇر لىتىي سانائىتى (新疆罗布泊锂业)، خۇنەن ئەيخۇا گۇرۇھى (湖南艾华集团) ۋە چاچا يېمەكلىكلىرى (洽洽食品) قاتارلىق داڭلىق كارخانىلار بار. ئادريان زېنز لىتىي ۋە پاكىز ئېنېرگىيە تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ ئامېرىكانىڭ ئاساسىي چەكلەش ئوبيېكتىغا ئايلىنىشى ھەققىدە توختىلىپ: «بۇ بىر تەرەپتىن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ بۇ خىل تەمىنلەش زەنجىرلىرىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىگە ئائىت يېڭى ئىسپاتلار ۋە دوكلاتلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولسا، يەنە بىر تەرەپتىن بۇ تەمىنلەش زەنجىرلىرىنىڭ ئامېرىكىغا بولغان مۇھىملىق دەرىجىسىنىڭ كۈنسېرى ئېشىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك» دەپ كۆرسەتتى. بۇ قېتىمقى كېڭەيتىش بىلەن ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق چەكلەش ئوبيېكتلىرى تىزىملىكىدىكى شىركەتلەرنىڭ سانى 187 گە يېتىپ، ئىلگىرىكىدىن تەخمىنەن % 30 كۆپەيدى. مەزكۇر قانۇنغا ئاساسەن، تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن شىركەتلەر ئىشلەپچىقارغان بارلىق مەھسۇلاتلار مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق دەپ پەرەز قىلىنىدۇ ۋە ئامېرىكىغا كىرگۈزۈلمەيدۇ. ئادريان زېنز بۇ تەدبىرنىڭ خەلقئارالىق شىركەتلەرگە بېرىلگەن كۈچلۈك سىگنال ئىكەنلىكىنى ئەسكەرتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ قارار خەلقئارالىق شىركەتلەر ۋە ئۇلارنىڭ تەمىنلىگۈچىلىرىگە ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ مەسىلىگە تېخىمۇ جىددىي قاراش لازىملىقىنى ھەمدە ۋاقىتلىق توختاپ قېلىشلارغا قارىماي، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ دۆلەت تەشكىللىگەن مەجبۇرىي ئەمگەككە ۋە ئۇنىڭ ئامېرىكا ئائىلىلىرى ھەم ئامېرىكىلىق ئىشچىلارغا ئېلىپ كەلگەن ناچار تەسىرلىرىگە ئىزچىل ۋە يۈكسەك دەرىجىدە ئېتىبار بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرىدۇ.» ئامېرىكا دۆلەت بىخەتەرلىك مىنىستىرلىقىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ تەدبىرلەرنىڭ ئاساسىي مەقسىتى مەجبۇرىي ئەمگەك ئارقىلىق ئىشلەپچىقىرىلغان ماللارنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئادىل رىقابەتنى قوغداش ھەم ئامېرىكا ئىستېمالچىلىرىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەككە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنى بىلمەستىن سېتىۋېلىش خەۋپىنى ئازايتىشتىن ئىبارەت. 1-ئاۋغۇست، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرۈپ، شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەكنىڭ مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى، ئامېرىكانىڭ بۇ قىلمىشىنىڭ «ئېنىق پاكىت ئاساسى يوق» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى ھەمدە ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش ئۈچۈن زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 21:06 GMT شۆھرەت ھوشۇر

27-ئىيۇل كۈنى تۈركىيەدىكى شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى ئەنقەرەدىكى تۈرك-خىتاي دوستلۇق گۇرۇپپىسى ئىشخانىسىنىڭ ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ يېتەكچىلىكىدە شەرقىي تۈركىستاننى زىيارەت قىلىۋاتقان خىتايپەرەس تۈرك ئاخباراتچىلارنىڭ ساختىپەز تەشۋىقاتلىرىغا نارازىلىق بىلدۈردى. نامايىشچىلار زۇلۇمغا كۆز يۇمماسلىق، زالىمغا يانتاياق بولماسلىق ھەققىدە شۇئارلار توۋلىدى ۋە ئاخبارات باياناتىدا تۈرك مۇخبىرلىرىنى ھەقىقەتتە چىڭ تۇرۇشقا ۋە ئوبيېكتىپ بولۇشقا چاقىردى. ئالدىنقى يىلى «شەرقىي تۈركىستان ساياھەتنامىسى» نامىدا كىتاب يازغان تۈرك يازغۇچى، مۇستەقىل تەتقىقاتچى تاھا كىلىنچ (Taha Kılınç) ئالدىنقى كۈنى «يېڭى شەپەق» گېزىتىدە ماقاله ئېلان قىلىپ، ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىگە پاراللېل ھالدا خىتايپەرەس تۈرك مۇخبىرلىرىنى تەنقىد قىلدى. خىتاينى ماختاپ يېزىۋاتقان تۈرك مۇخبىرلىرىغا خىتاينىڭ يىگۈزۈپ-ئىچكۈزۈۋاتقانلىقىنى، يەنى پۈتۈن چىقىمىنى كۆتۈرۈۋاتقانلىقىنى تىلغا ئالغان تاھا كىلىنچ ھەقىقەتكە كۆز يۇمغان ۋە زالىمنىڭ دېپىنى چالغان بۇ مۇخبىرلارنى «نومۇسسىزلار» دەپ ئەيىبلىدى. مەزكۇر مۇخبىرلارغا توققۇز سۇئال قويغان تاھا كىلىنچ ئۇلارنىڭ زىيارىتى داۋامىدا بىرەر ئۇيغۇر بىلەن خالىي ئۇچرىشىپ باققان-باقمىغانلىقى، ناماز ۋاقتىدا مەسچىتلەرگە كىرىپ باققان-باقمىغانلىقى، كوچىدا ئورالغان ئاياللار ، ساقال قويغان كىشىلەرنى كۆرۈپ-كۆرمىگەنلىكىنى سورىغان ۋە سۇئاللىرىغا يەنە ئۆزى جاۋاب بېرىپ، بۇلارنىڭ كارنىيىدىن ئىلىنغان مۇخبىرلار ئىكەنلىكى، ھەقىقەتكە كەلگەندە كۆزى كور ئىكەنلىكى، ئىلگىرىكى يىللاردا بۇلارنىڭ سۇرىيەنى زىيارەت قىلىپ، بومبا يېغىپ تورغان سۇرىيەنىمۇ گۈل-گۈلىستانلىق دەپ تەسۋىرلەپ، بەشەر ئەسەد رېجىمىنى قوللىغانلىقىنى ئەسلەتكەن. تاھا كىلىنچ ئوتتۇرا شەرق ۋە ئوسمانلى تارىخىدا مۇتەخەسسىس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى شەرقىي تۈركىستاننى خۇپىيانە ۋە مۇستەقىل زىيارەت قىلىپ، خىتاينىڭ ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بىتچىت قىلغان ئىدى. ئۇنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئىسلامنىڭ پۈتۈنلەي چەكلەنگەنلىكى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئائىت ئامىللارنىڭ ئۆچۈرۈلۈۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇر ۋە ئانالىزلىرى ئەركىن دۇنيانىڭ جامائەت پىكرى سورۇنلىرىدا قىممەتلىك ئۇچۇرلار قاتارىدا پايدىلىنىلغان ئىدى. شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا، ئۆزلىرى نارازىلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان مۇخبىرلارنىڭ ئۇمۇمىي تۈرك ئاخباراتىغا ۋەكىللىك قىلالمايدىغانلىقىنى ئەسكەرتكەن ئىدى. يازغۇچى تاھا كىلىنچ «نومۇسسىزلار» ناملىق مەزكۇر ماقالىسىدا، خىتاي ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن بىر قىسمى خىتايپەرەس مۇخبىرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەنسېرى، بۇنىڭغا ماس ھالدا ھەقىقەتپەرۋەر كىشىلەرنىڭمۇ ھەرىكەتكە كېلىدىغانلىقىنى، نەتىجىدە شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ داۋاملىق كۈن تەرتىپتە تورىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 21:01 GMT شۆھرەت ھوشۇر

مۇشۇ ئاينىڭ 22-كۈنى، ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسىدا خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنى خاتىرىلەيدىغان بىر خاتىرە ساراي سېلىش قانۇن لايىھەسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. جۇمھۇرىيەتچى ئەزالاردىن رىك سكات (Rick Scott) ۋە مارشا بلەكبۇرن (Marsha Blackburn) تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان بۇ لايىھەدە، خاتىرە ساراينى ۋاشىنگتوندىكى خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ ئۇدۇلىغا توغرا كېلىدىغان خەلقئارا باغچىدا تەسىس قىلىش، مەبلەغنى دۆلەت خەزىنىسى ۋە شەخسىي ئىئانىگە تايىنىپ ھەل قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. پەقەت تونۇشتۇرۇلغان، ئەمما تېخى ئاۋازغا قويۇلمىغان بۇ لايىھەدە، مەزكۇر خاتىرە ساراينى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ماۋ زېدۇڭ دەۋرىدە، تىيەنئەنمەن ۋەقەسىدە، تىبەت ۋە ئۇيغۇرلارغا قارىتا باستۇرۇش ھەرىكەتلىرىدە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغانلار خاتىرىسىگە تەسىس قىلىش پىكرى ئوتتۇرىغا قويۇلدى. نۆۋەتتە ۋاشىنگتوندا مەۋجۇت بولغان «كومۇنىزم قۇربانلىرى خاتىرە سارىيى» پۈتۈن دۇنيادا كومۇنىزمنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغانلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن تەسىس قىلىنغان. ئەگەر مەزكۇر لايىھە مەجلىسنىڭ ئىككى قانىتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتسە، بۇ مەخسۇس خىتاي زۇلمىنى دۇنيانىڭ ئېسىگە سالىدىغان بىر سىمۋوللۇق قۇرۇلۇش بولۇپ قالىدۇ.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 20:53 GMT شۆھرەت ھوشۇر

خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، بۇلتۇر گېرمانىيەدە سىياسىي پاناهلىق تىلىگەن سابىق ساقچى جاڭ يابو گېرمانىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدە مەلۇمات بېرىش، جۈملىدىن گۇۋاھلىق بېرىش ئۈچۈن خەلقئارا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنى ئىزدىگەن. گېرمانىيە رادىيوسى سابىق ساقچى جاڭ يابو بىلەن ۋەتەندىكى چاغدا كۆپ قېتىملاپ قاماقلارغا كىرگەن سابىق تۇتقۇن ھەبىبۇللا ئىزچىنى يۈزلەشتۈرۈپ پروگرامما ئىشلىگەن. گېرمانىيە رادىيوسى بۇ ئارقىلىق جەمئىيەتتە بەزىدە «ياقىنىڭ ئېتەك، ئېتەكنىڭ ياقا» بولۇپ قېلىشتەك ھايات قانۇنىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دىكتاتور ھاكىمىيەتلەردە ئىشلەۋاتقانلارغا ئاگاھلاندۇرۇش سىگنالى، مەھكۇم مىللەت ئەزالىرىغا ئۈمىدۋارلىق سىگنالى بەرگەن. ھەبىبۇللا بىلەن جاڭ يابو ئارىسىدا ئۈچ مەيدان، 10 نەچچە سائەت سۆھبەت داۋام قىلغان. ئاز كەم 10 يىللىق ساقچى ھاياتىدا يۈزلەرچە، بەلكىم مىڭلارچە ئۇيغۇرنى سوراق قىلغان جاڭ يابو بۇ قېتىم بىر سابىق تۇتقۇننىڭ ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ھەققىدىكى يۈزلەرچە سۇئالىغا دۇچ كەلگەن. گەرچە ھەبىبۇللانىڭ قولىدا پەقەت مىكروفون بولسىمۇ، جاڭ يابو تۆمۈر ئورۇندۇقتا ئولتۇرمىغان بولسىمۇ، سورالغان سۇئاللارغا ئۇ يەنىلا بەلگىلىك ئازاب ئىچىدە جاۋاب بەرگەن. ھەبىبۇللا جاڭ يابودىن بۇ يۈزلىشىش ھەققىدىكى تۇنجى تەسىراتىنى سورىغاندا، زۇلۇم زەنجىرىدە ئورۇن ئالغانلىقى ئۈچۈن پۇشايان قىلىۋاتقانلىقىنى ۋە ۋىجدانى ئازابلىنىۋاتقانلىقىنى ئېيتقان. ھەبىبۇللا سورىغان سۇئاللارنىڭ بىرىدە، ئۆزىنىڭ ئىلگىرى ھەر قېتىم كېچىدە ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، خىتاينىڭ نېمە ئۈچۈن شەرقىي تۈركىستاندا تۇتقۇننى كېچىدە ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى سورىغان. ئۇ بۇنىڭ ۋەھىمە پەيدا قىلىش ۋە مۇمكىن قەدەر ئاز ئىز قالدۇرۇش مەقسەتلىك ئىكەنلىكىنى پاش قىلغان. شىۋېتسارىيەدىكى مەلۇم ۋەخپە بۇ يۈزلىشىش ھەققىدە مەخسۇس ھۆججەتلىك فىلىم ئشلەۋاتقان بولۇپ، بۇ فىلىم پات يېقىندا قويۇلىدىكەن. شەرقىي تۈركىستاندا كارخانىچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ھەبىبۇللا ئىزچى نۆۋەتتە شىۋېتسارىيەدە ياشىماقتا. ئۇ ئىلگىرى رادىيومىزدا ئىختىيارىي مۇخبىر بولۇپ ئىشلەشتىن باشقا، ياۋروپادىكى 20 دەك ئاخبارات ۋاسىتىلىرىدا ئۇيغۇر ۋەزىيىتى ۋە ئۆزىنىڭ مەھبۇسلۇق ھاياتى ھەققىدە كۆپلىگەن خەۋەر-ئانالىزلارنى ئېلان قىلغانلىقى ئۈچۈن گېرمانىيە ئاخباراتى ئۇنى مەزكۇر يۈزلەشمە پروگراممىسىغا دەۋەت قىلغان.

Download metadata bundle
31 Jul 2026, 20:05 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
24 Jul 2026, 18:40 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستانغا ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
17 Jul 2026, 19:58 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
10 Jul 2026, 19:06 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا دائىر مۇھىم خەۋەرلەر.

Download original audio Download metadata bundle
Audio
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل
3 Jul 2026, 19:10 GMT شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل

شەرقىي تۈركىستان ۋە ئۇيغۇرلارغا ئائىت مۇھىم خەۋەرلەر

Download original audio Download metadata bundle
Audio
Credit: شۆھرەت ھوشۇر، تاھىر ئىزگىل