US Agency for Global Media

News and Information from Around the World

← Back to Direct feed
Download metadata bundle

ئۇيغۇر مۇخبىرلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى

14 Aug 2026, 20:28 GMT By شۆھرەت ھوشۇر
ئۇيغۇر مۇخبىرلار كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى
سابىق مۇخبىر قاسىمجان قەشقىرى بىلەن گۈلچېھرە خوجا تېكساس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 2026-يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 7-ئاۋغۇست، ئارىزونا
Credit: شۆھرەت ھوشۇر

«ئامېرىكا ئاۋازى»نىڭ سابىق مۇخبىرى قاسىمجان قەشقىرى بىلەن رادىيومىزنىڭ سابىق مۇخبىرى گۈلچېھرە خوجا تېكساس تېخنىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ بۇ يىللىق كىشىلىك ھوقۇق ۋە ژۇرنالىزم ساهەسىدىكى مۇنەۋۋەرلەر مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. مۇكاپات ژۇرنالىزم ۋە ئاممىۋى ئالاقە جەمئىيىتى تەرىپىدىن 5-ئاۋغۇست بىلەن 8-ئاۋغۇست ئارىلىقىدا ئارىزونا شتاتىنىڭ نېۋ ئورلېئانس (New Orleans) شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن 109-نۆۋەتلىك يىللىق يىغىنىدا تەقدىم قىلىندى. مەزكۇر مۇكاپات ژۇرنالىزم كەسپىدە مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇشتىن باشقا، بۇ ساهەدە خەتەرگە تەۋەككۈل قىلغان ۋە پىداكارلىق كۆرسەتكەن ئاخباراتچىلارغا بېرىلىدۇ. بۇ مۇكاپات ئالدىنقى يىللاردا كامېرۇن، كۇبا، برۇندى، مېكسىكا قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ھۆكۈمەت بېسىمىغا قارىماي ھەقىقەتنى يورۇتقان ژۇرنالىستلارغا بېرىلگەن ئىدى.