US Agency for Global Media

News and Information from Around the World

← Back to Direct feed
Download metadata bundle

ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر

14 Aug 2026, 20:24 GMT By شۆھرەت ھوشۇر
ئۆمەر قانات: خىتاينىڭ يېڭى چېگرا نىزامى خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈندۇر
ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشىنىڭ ئىجرائىيە دېررىكتورى، تونۇلغان پائالىيەتچى ئۆمەر قانات. 28-ئىيۇل، ۋاشىنگىتون.
Credit: شۆھرەت ھوشۇر

خىتاي ئۆتكەن ھەپتە چېگرادىن چىقىش-كىرىشنى باشقۇرۇش يېڭى بەلگىلىمىسىنى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، بۇ بەلگىلىمە خەلقئارا ۋە ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە دىققەت قوزغىدى. مەزكۇر بەلگىلىمىدە چېگرادىن كىرگەنلەرنىڭ دۆلەت سىرتىدا خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ئىشلىرى بارلىقى بايقالسا، چېگرادىن چىقىدىغانلارنىڭ دۆلەت ئىچىدە ئىلگىرى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە قارشى ھەرىكەتلىرى بارلىقى سېزىلسە، مەزكۇر شەخسنىڭ چېگرادىن كىرىشى ياكى چىقىشىنى توختىتىش، پاسپورتىنى تارتىۋېلىش، بەلگىلىك مۇددەت كىرىش-چىقىش ھوقۇقىنى بىكار قىلىش ئوتتۇرىغا قويۇلغان. خىتاي 2023-يىلدىن باشلاپ ئاز ساندىكى كىشىلەرنىڭ چېگرادىن كىرىپ-چىقىشىغا يول قويۇش ئارقىلىق شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىيەتنىڭ نورماللىقى تەەسۋۇرىنى يارىتىشقا ئۇرۇنغان ئىدى. ئالدىنقى ھەپتە نۇپۇزلۇق تەتقىقاتچى ئادرىئان زېنز (Adrian Zenz) ۋە مۇئەتتەر ئېلقۇت ئېلان قىلغان خىتاينىڭ چېگرا ھالقىپ باستۇرۇشلىرى ھەققىدىكى دوكلاتتا، مەزكۇر ئاتالمىش نورماللىشىشنىڭ ساحتلىقى پاش قىلىنغان. دوكلاتتا، چېگرادىن كىرىپ-چىققانلارغا نازارەت، تەھدىت ۋە تەشۋىقاتچىلىققا سېلىشنىڭ ئوخشاش داۋام قىلىۋاتقانلىقىنىڭ پاكىتلىرى كۆرسىتىلگەن. ئۆتكەن ھەپتە «دىپلومات» ژۇرنىلىدا خىتاينىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى قانۇنى ھەققىدە ماقاله ئېلان قىلغان تەجرىبىلىك پائالىيەتچى ئۆمەر قانات ئەپەندى خىتاينىڭ بۇ خىل يېڭى قانۇن ۋە بەلگىلىمىلىرىدىكى چەكلىمىلەرنىڭ يېڭى ئەمەسلىكى، ئۇنىڭ پەقەت مەۋجۇت چەكلىمە ۋە باستۇرۇشلارنى تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ توسالغۇسىز ئېلىپ بېرىشقا يول ھازىرلىغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئۇ بۈگۈن يېڭى چېگرا بەلگىلىمىسى ھەققىدە رادىيومىزغا پىكىر بايان قىلىپ، خىتاينىڭ چېگرا زوراۋانلىقىنىڭ مۇستەملىكە باشلانغاندىن بېرى مەۋجۇت ئىكەنلىكى، پەقەت چەكلىمىنى كېڭەيتىش بىلەن بىللە خەلقئارانىڭ ئېغىزىنى تۇۋاقلاش ئۈچۈنلا بۇ خىل يېڭى قانۇن-بەلگىلىمىلەرنى چىقىرىۋاتقانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.