US Agency for Global Media

News and Information from Around the World

← Back to Direct feed
Download metadata bundle

ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋېنگىرىيەدە 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى

18 Aug 2026, 20:10 GMT By تاھىر ئىزگىل
ئۇيغۇر ۋەكىللەر ۋېنگىرىيەدە 9-نۆۋەتلىك «ماجار-ھۇن-تۈرك قۇرۇلتىيى»غا قاتناشتى
بىر قىسىم ئۇيغۇر ۋەكىللەر 9-قېتىملىق ماجار-ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى قۇرۇلتىيىدا ماجار-تۇران فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانتروپولوگ ئاندراس بىرو بىلەن بىللە. 2026-يىل 14-ئاۋغۇست، بۇداپېشت.
Credit: تاھىر ئىزگىل

14-ئاۋغۇستتىن 16-ئاۋغۇستقىچە، 9-نۆۋەتلىك ماجار-ھۇن-تۈرك قەبىلىلىرى قۇرۇلتىيى ۋېنگرىيە پايتەختى بۇداپېشتتا ئۆتكۈزۈلدى. ماجار ۋە تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى، مۇزىكىسى ھەم ئورتاق تارىخىي مىراسلىرىنى تەبرىكلەيدىغان چوڭ تىپتىكى بۇ پائالىيەت 2010-يىلى باشلانغان بولۇپ ھەر ئىككى يىلدا بىر ئۆتكۈزۈلىدۇ. نۆۋەتتە بۇ پائالىيەت ياۋروپادىكى ئەڭ چوڭ تىپتىكى مەدەنىيەت كۆرەكلىرىنىڭ بىرى بولۇپ، بۇ قېتىم ئىنتايىن يۇقىرى سەۋىيەدە ۋە چوڭ كۆلەمدە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. بۇ قۇرۇلتايغا تەكلىپ بىلەن قاتناشقان ئۇيغۇر ۋەكىللەر ئۆمىكى تۈركىيە ئەگە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئالىمجان ئىنايەت، ئەنگلىيەدىكى ”ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقىنى توختىىتىش“ تەشكىلاتىنىڭ ئىجرائىيە مۇدىرى رەھىمە مەھمۇت ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋخپىسىنىڭ رەئىسى، ئەنقەرە ئۇنىۋېرىسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتۇر ئەركىن ئەمەت ھەمدە قازاقىستان ئۇيغۇر تىياتىرى سەنئەتكارلىرىدىن تەشكىل تاپتى. پائالىيەتنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىدا، ئاساسىي سەھنىگە شەرقىي تۈركىستاننىڭ بايرىقى ئېسىلدى. رەھىمە مەھمۇت ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىنى تونۇشتۇردى. ئالىمجان ئىنايەت «تىل، ئەدەبىيات ۋە مەدەنىيەتتىكى ۋېنگىر-ئۇيغۇر مۇناسىۋەتلىرى ھەققىدە» ماۋزۇدا مەخسۇس لېكسىيە سۆزلىدى. ئۇ ئۆز لېكسىيەسىدە تارىخىي ئارخىپلار، تىلشۇناسلىق دەلىللىرى، سېلىشتۇرما فولكلورشۇناسلىق ۋە مۇزىكا قاتارلىقلار ئارقىلىق ۋېنگىرلار (ماجارلار) بىلەن ئۇيغۇرلارنىڭ ئېتنىك ھەم مەدەنىيەت جەھەتتىن بىر-بىرىگە زىچ باغلانغان بىر جەمەتنىڭ تارماقلىرى ئىكەنلىكىنى شەرھلەپ ئۆتتى. ئۇيغۇر سەنئەتكارلار كلاسسىك ئۇيغۇر سەنئەت نومۇرلىرىنى ئورۇنداپ، ئۇيغۇرلارنىڭ باي مەدەنىيەت ئاساسىنى نامايان قىلدى. يىغىننىڭ بايراق پارات بۆلۈكى قىزغىن كەيپىياتتا داۋاملاشتى، بىر نەپەر چەۋەنداز شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايرىقىنى جەۋلان قىلىپ، سەھنە ئالدىدىن ئات چاپتۇرۇپ ئۆتكەندە گۈلدۇراس ئالقىش سادالىرى ياڭرىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ قۇرۇلتاي ماجار-تۇران فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى، ئانتروپولوگ ئاندراس بىرو (András Bíró) ۋە قۇرۇلتاي تەشكىللەش ھەيئىتىنىڭ ئورتاق تەشەببۇسى بىلەن ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان بولۇپ، پائالىيەت داۋامىدا ماجار- تۈركىي خەلقلەرنىڭ ئورتاق ھېكايىلىرى ۋە ئەنئەنىۋى مەدەنىيەت جەۋھەرلىرى نامايان قىلىندىكەن.